Back to Top

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : يادىكار38 سەنئەت تورى / چولپانلار 明星

30 ياشقا كىرمەي تۇرۇپ 100 مىليون دوللار تاپقان چولپانلار
يوللانغان ۋاقتى:2018-09-21 03:28 مەنبەسى:
يادىكار سالونى قۇشىۋىلىڭ


يېقىندا 26 ياشلىق ئامېرىكىلىق داڭلىق ناخشىچى تايلور سىۋىغت 170 مىليون ئامېرىكا دوللىرى (1 مىليارد 170 مىليون خەلق پۇلى) يىللىق كىرىمى بىلەن فوربېس 30 ياشتىن تۆۋەن بايلار تىزىملىكىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ كىشىلەرنىڭ ھەۋىسىنى قوزغىدى. تايلور سىۋىغت گەرچە ئوغۇل دوستىنى داۋاملىق ئالماشتۇرۇپ تۇرسىمۇ، لېكىن پەقەتلا كۆڭلىدىكىدەك لايىق تاپالمىدى، لېكىن ئۇ ئەڭ بولمىغاندا «كۆپ مۇھەببەتكە ئېرىشەلمىسە، كۆپ پۇل تاپسىمۇ بولىدۇ» دېگەننى ئىشقا ئاشۇردى.

تايلورنىڭ 1989-يىلىدىكى پىلاستىنكىسى شىمالىي ئامېرىكا رايونىدىلا 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق سېتىلىپ، دومىلىما تاش مۇزىكا ئەترىتىنىڭ رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان، تايلورمۇ مۇشۇ پىلاستىنكىسىغا تايىنىپ ئىككى قېتىم گراممېي ئەڭ ياخشى پىلاستىنكا ئايال ناخشىچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ئۇ ناخشا كەسپىدىن باشقا يەنە خېيىم-خەتەر مەبلىغىگە تايىنىپ مۇۋاپىقىيەت قازىنىپ فوربېس تىزىملىكىدىكى ئەڭ ياش ئايال سەنئەتكارغا ئايلانغان.

فوربېس 2016 «30under 30» (ئوتتۇز نەپەر 30 ياشتىن تۆۋەن بايلار تىزىملىكى) دە تايلور سىۋىغت 170 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بىلەن، 2-ئورۇندا تۇرغان تۆت كىشىلىك مۇزىكا گۇرۇپپىسىدىن 60 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئېشىپ كەتتى. بۇ تېزىملىك 9 ناخشىچى ياكى ناخشا گۇرۇپپىسى، 1 ئارتىس، 10 تەنھەرىكەتچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، قارىماققا تەنھەرىكەتچىلەر پۇلى باردەك كۆرۈنسىمۇ، تىزىملىكتىكى ئالدىنقى 4 نەپىرى مۇزىكا ساھەسىدىن كەلگەن. سۈرەتتە: ئىككىنچى قاتارغا تىزىلغان مۇزىكا ئەترىتى، تۆت ئەزانىڭ ھەممىسى 22-24 ياش ئارلىقىدا.

تىزىملىككە كىرگەن 37 داڭلىق شەخسنىڭ ئىچىدە (بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىككى مۇزىكا ئەترىتى بار) 4 ئى ئايال، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئالدىنقى 5 نىڭ ئىچىگە كىردى، تايلور سىۋىغتتىن باشقا يەنە ئەنگىلىيەلىك ناخشىچى ئادال 80.5 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بىلەن 4-لىككە، ئامېرىكىلىق ناخشىچى رىھاننا 75 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بىلەن 5-لىككە ئېرىشتى.

ھەممە ئادەم ھوللىۋودتنىڭ ئىش ھەققى يۇقىرى دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ھوللىۋودتىكى چولپانلار ئاسانلىقچە بۇ تىزىملىككە كىرەلمەيدۇ، جېنىفېر لاۋرېنس بۇ تىزىملىككە كىرگەن بىردىنبىر ئارتىس بولۇش سۈپىتى بىلەن 46 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق يىللىق كىرىمىغا تايىنىپ 12-ئورۇنغا تىزىلدى.

تەنتەربىيە ساھەسىدە ئەڭ پۇل تاپالايدىغىنى ئارگېنتىنا كوماندىسىدىكى Lionel Andres Messi، ئۇ 2015-يىلى 6-ئايدىن 2016-يىلىغىچە، 81.5 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق كىرىمى بىلەن فوربېس بايلار تىزىملىكىدە 3-ئورۇندا تۇردى.

ئۇنىڭدىن باشقا فوربېس تىزىملىكىگە كىرگەن تەنھەرىكەتچىلەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا چويلا توپ چولپىنى نوۋاك دىجوكوۋىك (Novak Djokovic) بىلەن NBA ۋاسكېتبول ماھىرى كېۋىن دۇرانىت (Kevin Durant) ئوخشاشلا 56 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بىلەن 6-ئورۇندا تۇردى، زەيتۇن توپ چولپىنى Cam Newton بىلەن گولف توپ ماھىرى جوردان سپىېز (Jordan Spieth) مۇ 43 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق يىللىق كىرىمى بىلەن 10-ئورۇندا تۇردى.

ئۇنىڭدىن باشقا، فوربېس تىزىملىكىدىكى تەنتەربىيە چولپانلىرىدىن يەنە رافېل نادال (RafaelNadal)، نېيمار (Neymar da Silva Santos Júnior)، دېرىك روس (Derrick Rose)، جامېس خاردېن (James Harden) قاتارلىقلار بار، يېنىك ئاتلېتىكا ساھەسىدىن بۇ تىزىملىككە كىرگەن بىردىنبىر تەنھەرىكەتچى ئۇسەيىن بولىت (UsainBolt)، ئۇ بۇ يىل نەق 30 ياشقا كىردى، ئۆتكەن يىللىق كىرىمى 32.5 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، شۇنداقلا فوربېس مەشھۇر كىشىلەر تىزىملىكىدىكى بىردىنبىر يېنىك ئاتلېتىكا تەنھەرىكەتچىسى.

بۇ يىلقى فوربېس تىزىملىكىدىكى يېشى ئەڭ كىچىك باي 1994-يىلى تۇغۇلغان 22 ياشلىق جاستىن بىيبېر، ئۇ 56 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق يىللىق كىرىمى بىلەن 6-ئورۇندا تۇردى، گەرچە جاستىننىڭ سەلبىي خەۋەرلىرى كۆپرەك بولسىمۇ، ھېچقانداق نەرسە ئۇنىڭ پۇل تېپىش قەدىمىنى توسۇپ قويالمايدۇ.

داڭلىق كورىيە ناخشا گۇرۇپپىسى Bigbang مۇ 44 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق يىللىق كىرىم بىلەن 13-ئورۇندا تۇردى، گۇرۇپپا باشلىقى G-Dragon زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا: مەن بىزنىڭ بۈنچە كۆپ پۇل تاپقانلىقىمىزنى ئويلاپ باقمىغان، مېنىڭ پۇلۇمنىڭ ھەممىسىنى ئاپام باشقۇرىدۇ، دېدى.

«سىنا تورى»

مەزكۈر مەزمۇنلارنى يادىكار38 كىنو توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.Yadikar38.com

  • ھىندىستان گۈزىلى ئاشۋارىيا راينىڭ ئەڭ يېڭى بەدئىي سۈرەتلىرى

  • 1976-يىلى تۇغۇلغان ئون چوڭ ئايال چولپان

  • بوي ئىگىزلىكى 175 سانتىمېتىردىن تۆۋەن بولغان ئەر چولپانلار

  • ئەسلى ئۇسسۇل كەسپىدە ئوقۇغان ئايال چولپانلار

  • رېژىسسوردىن تىل ئاڭلىغان ئايال چولپانلار

  • سۇن لى، جاۋ ۋېي، جاۋ لىيىڭ، ليۇ تاۋ، لىن شىنرۇ ئۇلارنىڭ ئىچىدىن كىمنى ئەڭ ياقتۇرىسىز؟

  • ھىندىستان گۈزىلى ئاشۋارىيانى چۈشىنەمسىز؟

  • ھىندىستان چولپانلىرىنىڭ ئەڭ قاملاشمىغان مۇراسىم كىيىملىرى

يىڭى قۇشۇلغان خەۋەرلەر

بىكەت تەۋسىيەسى

      • يانداش رولغا تايىنىپلا نام چىقارغان چولپانلار
      • دىلرابانىڭ ئەڭ يېڭى بەدئىي سۈرەتلىرى ئاشكارىل ..
      • بوللىۋود تاماشا ساھەسىدىكى تەسىر كۈچى ئەڭ يۇق ..

      بېكەت ھەققىدە   ئالاقىلىشىڭ   ئېلان ـ ئالاقە   ھەمكارلىق   بىز كىم؟   بېكەت ئۇقتۇرۇشى

      بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : يادىكار38 سەنئەت تورى ىغا تەۋە، ئوخشىتىپ ياسىۋالماڭ، ئەمگىكىمىزنى قەدىرلەڭ !

      ئەسكەرتىش : توربىكىتىمىزدىكى بارلىق مەزمۇنلار ھەممىسى توردىن رەتلەنگەن ۋە تېپىلغان مەقسىدىمىز توربىكىتىمىزدە تورداشلرنىڭ مەنۋى كۆڭلىنى ئېچش ئەگەرسىز نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخىل قىلدى دىسىڭىز بىزبىلەن ئالاقىلشىڭ بىزدەرھال ئۆچۈرۈۋىتىمىز ، !

      بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان فىلىم- يازمىلارنى چەكلەيدۇ.

      پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆!

      ئالاقىلاشقۇچى : يادىكار ئالاقىلىشىش چ چ : 826042484 : ICP : <粤ICP备18099569号-1> qq

      . توپقا توربەتچىلەر كىرمەڭلار ئالاقە چ چ

      powered by yadikar38CMS 8.4 © 2015-2019 www.Yadikar38.com
X
ئەڭ يىڭى فىلىم چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ