Back to Top

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : يادىكار38 سەنئەت تورى / چولپانلار 明星

تاماشا ساھەسىدىكى كۆپچىلىك ئېتىراپ قىلغان ھۆسىن تۈزەتمىگەن تەبئىي گۈزەللەر
يوللانغان ۋاقتى:2018-09-21 02:25 مەنبەسى: baijiahao.baidu.com
يادىكار سالونى قۇشىۋىلىڭ

تاماشا ساھەسىدىكى نۇرغۇن چولپانلارنىڭ نام قازانغاندىن كېيىنلا ھۆسىن تۈزىتىدىغانلىقىنى كۆپچىلىك بىلىدۇ. بۇ ساھەدە ھۆسىن تۈزىتىش ئاللىبۇرۇنلا مەخپىيەتلىك بولماي قالدى، ھۆسىن تۈزەتمىگەن تەبئىي گۈزەل ئايال چولپانلار ناھايىتى ئاز، لېكىن ئۇلار ھۆسىن تۈزەتكەن چولپانلاردىنمۇ چىرايلىق، تۆۋەندە بىز ئەزەلدىن ھۆسىن تۈزىتىپ باقمىغان تەبئىي گۈزەل ئايال چولپانلارنىڭ كىملەر ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى:

ھەممىنىڭ نەزىرىدىكى «پەرىزات ئاچا» لىيۇ يىفېي بالىلىق دەۋرىدىن باشلاپلا ئېكىراندا تونۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ چىرايى ھازىرمۇ ئەڭ دەسلەپتىكى سەنئەت ساھەسىگە قەدەم قويغان ھالەتتىكىدەك تەبئىي چىرايلىق، ھازىر ئۇ چوڭ بولۇپ تېخىمۇ سالاپەتلىك ئايال چولپانغا ئايلاندى.

دىلرابا شىنجاڭلىق قىزچاق، شىنجاڭ ئىسمى–جىسمىغا لايىق گۈزەللەر ماكانى، بۇ ساھەدىكى توڭلىيا، گۈزلنەزەرلەرمۇ شىنجاڭلىق گۈزەللەردۇر. ئۇلارنىڭ تەبئىي گۈزەل چىرايىدا ھېچقانداق نۇقسان بولمىغاچقا ھۆسىن تۈزىتىشىنىڭمۇ ھاجىتى يوق، دىلرابامۇ كىچىكىدىنلا گۈزەللەردىن بولۇپ، تەبئىي گۈزەللىكى بىلەن ساناقسىز تاماشىبىنلارنى بويسۇندۇرۇدى.

جاۋ لىيىڭ تاماشا ساھەسىگە قەدەم قويغىلى نۇرغۇن يىللار بولدى، بۇرۇن يۇمىلاق يۈزى سەۋەبلىك تاشلىنىپ قالغان بولسا ھازىر كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ، مەغلۇبىيەتنى غەلبىگە ئايلاندۇرغان چولپانلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ، ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشكەن چولپان بولۇپ، ئۇ رول ئالغان تېلىۋېزىيە تىياتىرى ناھايىتى ئۇتۇق قازاندى.

تۇڭ لىيا شىنجاڭدىن چىققان بۇ گۈزەل قىزنىڭ كۈلگەندىكى زىنىقى كىشىگە ھوزۇر بېغىشلايدۇ. تۇڭ لىيا ئەينى ۋاقىتتا سەنئەت كەسپىگە ئىمتىھان بېرىپ تاللانغاندىن كېيىن ئوقۇشىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك پۈتتۈرپ، تاماشا سەھنىسىدە ناھايىتى ئالقىشلىق چولپانغا ئايلانغان.

گاۋيۈەنيۈەننىڭ چىرايىدىن ئۇنىڭ يېشىنى بىلگىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ جىسمىدا بىر خىل ئۆزگىچە تەبئىيلىك بار بولۇپ، ئۇ تاماشا سەھنىسىگە قەدەم قويغاندىن بېرى ھۆسىن جامالىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولۇپ باقمىدى، پەقەت كىيىنىشى ۋە گىرىم قىلىشتا بارغانچە مودىلاشتى خالاس.

ۋاڭ لىكۇننىڭ ھەرخىل قەدىمىي ۋەقەلىك تەسۋىرلەنگەن كىنو– فىلىملاردىكى ئوبرازى تاماشىبىنلارنى ھەيران قالدۇرىدۇ،ئۇ ئۆزىنىڭ چىرايى ۋە قەددى– قامىتىگە ناھايىتى ئىشىنىدۇ،‹چولپانلارنىڭ شۈيلىفاڭدا سۇغا سەكرىشى ›ناملىق پىروگىراممىنى سۈرەتكە ئالغاندا ئۇ ھىچقانداق گىرىم قىلماي سۈرەتكە ئېلىشقا قاتنىشىپ ‹گىرىمسىز ئايال ئىلاھ›دېگەن نامغا ئېرىشكەن. ۋاڭ لىكۇن گىرىم قىلمىغان ۋاقىتتا يۈزىدە ھېچقانداق داغ– سەپكۈن،دانخورەكلەر يوق بولۇپ، ھەقىقىي تەبئىي گۈزەللەردىن ھېسابلىنىدۇ.

جوۋ خۇيمىن كىچىكىمىزدە ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان شىياڭگاڭ تېلىۋېزىيە تىياتىرى ‹زامانداشلار›دىكى ‹چىڭگىزىم› ھېلىمۇ ئېسىڭلاردىدۇ؟ دەل شۇ ئوبرازنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ياراتقان جوۋ خۇيمىن ھازىر 47 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، كىشىگە كىچىك قىزلاردەك تۇيغۇ بېرىدۇ. 20 نەچچە يىل بۇرۇنقى ھۆسىن تۈزەش ئوپراتسىيەسى تېخنىكىسى تەرەققىي قىلمىغان ۋاقىتلاردىلا ئۇنىڭغا تەبئىي گۈزەل، دەپ نام بېرىلگەن.

«بەيجىياخاۋ تورى»

مەزكۈر مەزمۇنلارنى يادىكار38 كىنو توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.Yadikar38.com

  • 30 ياشقا كىرمەي تۇرۇپ 100 مىليون دوللار تاپقان چولپانلار

  • قوش قاپاق كەستۈرۈپ ئامىتى كەلگەن 6 چوڭ چولپان

  • ئەنجىلىنا جۇلىنىڭ ياش ۋاقتلىرىدىكى بىر يۈرۈش سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى

  • كىچىك ۋاقتىدا ساۋاقداشلىرى بوزەك قىلغان چولپانلار

  • 1976-يىلى تۇغۇلغان ئون چوڭ ئايال چولپان

  • دىلرابانىڭ ئەڭ يېڭى بەدئىي سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى

  • دۇنياغا داڭلىق كومىدىيە ئارتىسى پۇرچاق ئەپەندىمنىڭ تەرجىمھالى

  • بوللىۋود تاماشا ساھەسىدىكى تەسىر كۈچى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئەر چولپانلار

يىڭى قۇشۇلغان خەۋەرلەر

بىكەت تەۋسىيەسى

      • يانداش رولغا تايىنىپلا نام چىقارغان چولپانلار
      • دىلرابانىڭ ئەڭ يېڭى بەدئىي سۈرەتلىرى ئاشكارىل ..
      • بوللىۋود تاماشا ساھەسىدىكى تەسىر كۈچى ئەڭ يۇق ..

      بېكەت ھەققىدە   ئالاقىلىشىڭ   ئېلان ـ ئالاقە   ھەمكارلىق   بىز كىم؟   بېكەت ئۇقتۇرۇشى

      بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : يادىكار38 سەنئەت تورى ىغا تەۋە، ئوخشىتىپ ياسىۋالماڭ، ئەمگىكىمىزنى قەدىرلەڭ !

      ئەسكەرتىش : توربىكىتىمىزدىكى بارلىق مەزمۇنلار ھەممىسى توردىن رەتلەنگەن ۋە تېپىلغان مەقسىدىمىز توربىكىتىمىزدە تورداشلرنىڭ مەنۋى كۆڭلىنى ئېچش ئەگەرسىز نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخىل قىلدى دىسىڭىز بىزبىلەن ئالاقىلشىڭ بىزدەرھال ئۆچۈرۈۋىتىمىز ، !

      بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان فىلىم- يازمىلارنى چەكلەيدۇ.

      پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆!

      ئالاقىلاشقۇچى : يادىكار ئالاقىلىشىش چ چ : 826042484 : ICP : <粤ICP备18099569号-1> qq

      . توپقا توربەتچىلەر كىرمەڭلار ئالاقە چ چ

      powered by yadikar38CMS 8.4 © 2015-2019 www.Yadikar38.com
X
ئەڭ يىڭى فىلىم چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ