Back to Top

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : يادىكار38 سەنئەت تورى / چولپانلار 明星

بوللىۋود تاماشا ساھەسىدىكى تەسىر كۈچى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئەر چولپانلار
يوللانغان ۋاقتى:2018-09-21 02:47 مەنبەسى: baijiahao.baidu.com
يادىكار سالونى قۇشىۋىلىڭ

شارۇلخان

1965– يىلى تۇغۇلغان، شارۇلخاننى ھازىر ھىندىستان كىنوچىلىقىدىكى ئەڭ ئۇتۇق قازانغان 1– نومۇرلۇق ئەر چولپان دېسەكمۇ بولىدۇ. ئۇ 1988– يىلى ئىشلەنگەن تېلىۋېزىيە تىياتىرىدا رول ئېلىپ ئۇتۇق قازانغاندىن كېيىن، 10 نەچچە يىلدا ھىندىستاندىكى ياش ئەر ئارتىسللار ئىچىدىكى باشلامچى شەخىس بولۇپ قالغان، ھازىر ئۇ ھىندىستان كىنوچىلىقىدىكى بېلەت كىرىمى ۋە مۇكاپات ئېلىش جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىغان چولپان، لېكىن شارۇلخان ئۆزى مۇسۇلمان بولغاچقا ھىندىستاندا نۇرغۇن پۇل تاپقان بولسىمۇ، يەنىلا دۇبەيدىكى تۇرالغۇسىدا ئەرەب دوستلىرى بىلەن بىرگە ياشاشنى خالىغان.

شاھرۇھ خان ھەقىقىي ئەمەلىي كۈچى بار ئارتىس، ئۇنىڭ «بوللىۋود شاھى» دېگەن نامى بار. 2004–يىلى ئامېرىكا « دەۋىر» ژورنىلى باھالاپ چىققان 20 نەپەر «ئاسىيالىق چولپان» لارنىڭ بىرى. ۋەكىل خاركتىرلىق ئەسەرلىرىدىن «قىزىل يوپۇرماق»، «تەقدىر قوشقان بىر جۈپلەر» ،«بۇنداق ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ»، «مىنىڭ ئىسمىم خان»قاتارلىقلار بار.


ئامىرخان سەككىز ياش ۋاقتىدا ئەينى ۋاقىتتا ھىندىستاننى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن كىنودا رول ئېلىپ كەلگۈسى پارلاق دەپ سانالغان بالا چولپان، لېكىن ئۇ چوڭ بولغاندىن كېيىن فىلىمدە رول ئېلىشقا قوشۇلماي، پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن تېننىس توپ ئويناشقا كىرىشكەن ھەمدە توپ ئويناش تېخنىكىسىمۇ خېلى ياخشى ھېساپلانغان، ھەتتا شۇ تۈردە چىمپىيونمۇ بولغان. كېيىن يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تېننىس توپنى ئوينىيالمايدىغان بولۇپ قالغان ھەمدە يەنە كىنو ساھەسىگە قايتىپ كەلگەن. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ رومانتىك كەچۈرمىشىمۇ بىر ياخشى فىلىمنىڭ تېمىسى ئىكەن. ئامىرخان 21 يېشىدا قوشىنىسىنىڭ قىزىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان، لېكىن قىز ھىندى دىنى مۇرتى ئۆزى بولسا مۇسۇلمان بولغاچقا ئىككى ئائىلە ئۇلارنىڭ توي ئىشىغا قەتتئىي قوشۇلمىغان، شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى قېچىپ كەتكەن.

ئامىرخان ھىندىستاننىڭ دۆلەت گۆھىرى دەرىجىلىك ئارتىسى، داڭلىق رېژىسسور، فىلىم ئىشلىگۈچى. ئامىرخان جۇڭگودىمۇ كۆپ قىسىم كىشىلەرگە ناتونۇش ئەمەس، ئامىرخاننىڭ يېڭى فىلىملىرىدىن ‹ چېلىشقىن دادا!› فىلىمى جۇڭگودا قويۇلۇپ تاماشىبىنلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە ئېرىشتى. ئامىرخان يەنە ھەقىقىي بولغان ئىش–ۋەقەلەر توغرىسىدا بىر پىروگىرامما ئىشلىگەن بولۇپ، بۇ پىروگىرامما ئارقىلىق ھىندىستاننىڭ ئوخشىمىغان قاتلىمىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇشى ۋە ھېسسىياتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن، بۇ پىروگىرامما ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، پارلامېنتىنىڭ بەزى قانۇنلارنى تەستىقلىشىغا بىۋاستە تۈرتكە بولغان. ئامىرخان دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس ئارتىسلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىق ئەسەرلىرىدىن« ئۈچ ئەخمەق» ، «يەر شارىدىكى يۇلتۇزلار»،« باساتنىڭ رەڭگى» ،«PK»، «بومباي خاتىرىسى»،«ھىندىستاندا ئۆتكەن ئىشلار»،« چېلىشقىن!دادا»قاتارلىقلار بار.

سالمان خان 1988–يىلى ئېكراندىكى تۇنجى ئورازىنى ياراتقان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ رولچىلىقىتا دىگندەك نام چىقىرلمىغان، لېكىن ئۇنىڭ كىنو سىرتىدىكى ئىش- ئىزلىرى داۋاملىق گېزىتلەرنىڭ باش بېتىگە بېسىلىپ تۇرغان. 1998– يىلى ئۇ كىنو ئىشلەۋاتقان نەق مەيداندا دۆلەتلىك بىرىنجى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋاننى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن دىگەن جىنايەت بىلەن ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان،شۇ سەۋەپلىك ئۇ بىر ھەپتە قاماقتا ياتقان، قاماقتىن چىققاندىن كېيىن ئۇ تېخىمۇ ئەدەپ كىيىنكى نەچچە يىلدا يەنە نەچچە قوغدىلىدىغان ھايۋاننى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، بىر قانچە قېتىم قىسقا مۇددەت قامالغان. 2002– يىلى ئۇ ئۆزىنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەپ شەھەر رايونىدا بىر ئادەمنى سوقۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان، كەينى– كەينىدىن يۈز بەرگەن بۇ ئىشلار ئۇنى ھىندىستان كىنو ساھەسىدىكى ‹ئەسكى يىگىت›كە ئايلاندۇرغان، لېكىن ئۇنىڭ رول ئېلىش ماھارىتىمۇ يامان ئەمەس بولۇپ 2004– يىلى بىر ئەيدىز كېسىلى بىمارىنىڭ رولىنى ئالغان فىلىمى UN تەرىپىدىن ئەيدىز كېسىلى تەشۋىقات فىلىمى بولۇپ تاللانغان.

سالمان خان بوللىۋودتىكى ئۈچ خاننىڭ بىرى. ئۇ ناھايىتى ئىقتىدارلىق ئاكتىيور بولۇپلا قالماي يەنە داڭلىق رىياسەتچى، فىلىم ئىشلىگۈچى، ساخاۋەتچىدۇر.

سالمان خاننىڭ ۋەكىل خاراكېرلىق ئەسەرلىرىدىن «مايمۇن تاغا»،«مۇھەببەت قەلبىمدە»،«كاران ۋە ئارجۇن» ،«مۇھەببەتتىن قورقماڭ» ،«تۇتۇش بۇيرۇقى» ،«قوغدىغۇچى»،«يولۋاس ھەرىكىتى»قاتارلىقلار بار.

رىتىك.روشان ھىندستاندىكى ئەڭ ئقتىدارلىق ئەر چولپانلارنىڭ بىرى. ئۇ 80–يىللاردا بالا چولپان بولۇپ نام چىقارغان،نۇرغۇن فىلىملەردە رول ئالغان، ئۇنىڭ ھىندستانچە سىتايلون، بىرەد.پىت ۋە مايكىل .جېكسوننىڭ بىرىكمىسى دېگەن نامى بار. ۋەكىل خاراكتېرلىق ئەسەرلىرىدىن« لەگلەك» ،«ئەكبەر ئېمپىرىيەسى»،«كىرىشنا»،«مانا بۇ مۇھەببەت»، «كەشمىردىكى ۋەزىپە» قاتارلىقلار بار.

ئاكشىك.كۇمار ھازىر ھىندىستاندا قاتتىق نام قازانغان ھەرىكەتلىك فىلىم قەھرىمانىدۇر. ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىق ئەسەرلىرىدىن « ياخشىمۇسەن لوندون»،«ھەي!قەدىرلىكىم»، «قىزغىن توي مۇراسىمى» قاتارلىقلار بار.

ئامىتاب باچچان

ھىندىستانلىقلار ھەممىسى ئۇنى Big B دەپ ئاتايدۇ، گەرچە ئۇ ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ يەنىلا ھىندىستان كىنوچىلىقىنىڭ كاتتىبېشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەينى يىللاردا ئۇنىڭ ئاكتىيورلۇق ھاياتىمۇ ئۇنچە ئوڭۇشلۇق بولمىغان، تەلىيىگە ئۇنىڭ باشقىلاردىن پەرىقلىنىدىغان ئاۋازى بولغاچقا ئاۋاز بېرىش ۋە چۈشەندۈرگۈچى بولۇپ بوللىۋودتا تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىنى كۈتكەن. دەل شۇ ۋاقىتلاردا ھىندىستان زۇڭلىسىنىڭ چوڭ ئوغلى راجىف.گەندى بىلەن دوست بولۇپ قالغان ھەمدە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ داۋاملىق مېھمىنىغا ئايلانغان. گەندى ئۆز قولى بىلەن ئۇنىڭغا تونۇشتۇرۇش خېتى يېزىپ بەرگەن، ئامىتاب باچچان شۇ خەت ئارقىلىق بىرىنجى رولغا ئېرىشكەن ھەمدە شۇنىڭدىن كېيىن ئۇتۇق قازىنىپ ھەممىگە تونۇلغان.

ئابشېك.باچچان(Abhishek Bachchan)

ئۇنىڭ نام چىقىرىشىدىكى سەۋەب، قانداقتۇر رول ئېلىش ماھارىتىنىڭ يۇقىرلىقىدىن بولماستىن، بەلكى ھىندىستان كىنو ساھەسىدىكى كاتتىباش دادىسىنىڭ بولغانلىقىدىندۇر، ئەسلى ئاتا– ئانىسىنىڭ ئۇنى ئامېرىكىغا چىقرىپ سودا باشقۇرۇشتا ئوقۇتقۇسى بار ئىكەن، لېكىن ئابشېك ئوقۇشىنى يېرىم يولدا تاشلىۋەتكەن،شۇنىڭ بىلەن ھىندىستاندا بىر سودىگەر ئازلاپ بىر ئاكتىيور كۆپەيگەن.


«بەيجىياخاۋ تورى»

مەزكۈر مەزمۇنلارنى يادىكار38 كىنو توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.Yadikar38.com

  • كىچىك ۋاقتىدا ساۋاقداشلىرى بوزەك قىلغان چولپانلار

  • تاماشا ساھەسىدىكى كۆپچىلىك ئېتىراپ قىلغان ھۆسىن تۈزەتمىگەن تەبئىي گۈزەللەر

  • 30 ياشقا كىرمەي تۇرۇپ 100 مىليون دوللار تاپقان چولپانلار

  • سۇن لى، جاۋ ۋېي، جاۋ لىيىڭ، ليۇ تاۋ، لىن شىنرۇ ئۇلارنىڭ ئىچىدىن كىمنى ئەڭ ياقتۇرىسىز؟

  • رېژىسسوردىن تىل ئاڭلىغان ئايال چولپانلار

  • ھىندىستان گۈزىلى ئاشۋارىيا راينىڭ ئەڭ يېڭى بەدئىي سۈرەتلىرى

  • بوللىۋود تاماشا ساھەسىدىكى تەسىر كۈچى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئەر چولپانلار

  • ئەسلى ئۇسسۇل كەسپىدە ئوقۇغان ئايال چولپانلار

يىڭى قۇشۇلغان خەۋەرلەر

بىكەت تەۋسىيەسى

      • قاراقاشلىق داڭلىق مودىل شەھرىزات مەمەتجان
      • يانداش رولغا تايىنىپلا نام چىقارغان چولپانلار
      • دىلرابانىڭ ئەڭ يېڭى بەدئىي سۈرەتلىرى ئاشكارىل ..
      • بوللىۋود تاماشا ساھەسىدىكى تەسىر كۈچى ئەڭ يۇق ..

      بېكەت ھەققىدە   ئالاقىلىشىڭ   ئېلان ـ ئالاقە   ھەمكارلىق   بىز كىم؟   بېكەت ئۇقتۇرۇشى

      بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : يادىكار38 سەنئەت تورى ىغا تەۋە، ئوخشىتىپ ياسىۋالماڭ، ئەمگىكىمىزنى قەدىرلەڭ !

      ئەسكەرتىش : توربىكىتىمىزدىكى بارلىق مەزمۇنلار ھەممىسى توردىن رەتلەنگەن ۋە تېپىلغان مەقسىدىمىز توربىكىتىمىزدە تورداشلرنىڭ مەنۋى كۆڭلىنى ئېچش ئەگەرسىز نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخىل قىلدى دىسىڭىز بىزبىلەن ئالاقىلشىڭ بىزدەرھال ئۆچۈرۈۋىتىمىز ، !

      بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان فىلىم- يازمىلارنى چەكلەيدۇ.

      ئالاقىلاشقۇچى : يادىكار ئالاقىلىشىش چ چ : 826042484 : ICP : <粤ICP备18099569号-1> qq

      . توپقا توربەتچىلەر كىرمەڭلار ئالاقە چ چ

      powered by yadikar38CMS 8.4 © 2015-2019 www.Yadikar38.com
X
ئەڭ يىڭى فىلىم چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ