Back to Top

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : يادىكار38 سەنئەت تورى / چولپانلار 明星

جەيسىن سىتاسامنىڭ نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەيدىغان 7 ئىشى
يوللانغان ۋاقتى:2018-09-21 02:37 مەنبەسى: baijiahao.baidu.com
يادىكار سالونى قۇشىۋىلىڭ

ھەرىكەتلىك فىلىمدىكى داڭلىق چولپانلار ئىچىدە جەيسىن سىتاسامنى رىۋايەتلىك شەخس دېسەك ھەرگىزمۇ ئاشۇرۋەتكەن بولمايمىز. ئەنگلىيەلىك «جىگەرلىك ئەزىمەت» ئىلگىرى كۆپ قېتىم جۇڭگو ھەرىكەتلىك فىلىم چولپىنى لى ليەنجيې ۋە ھوللىۋود ھەرىكەتلىك فىلىم گىگانت چولپىنى سىتايلون قاتارلىقلار بىلەن ھەمكارىلىشىپ، ئېسىل كىنولارنى ئىشلەپلا قالماستىن يەنە ئىنتايىن كۆپ كىلاسسىك ھەرىكەتلىك فىلىم يۈرۈشلۈكلىرىدە رول ئالغان. مەسىلەن: «ئالاھىدە ئادەم بېدىكى» (非常人贩) ۋە «مېخانىك ئۇستىسى» قاتارلىقلاردا ئۇنى ئۇچرىتىمىز. بىراق ئۇنىڭغا ئوخشاش ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق كاتتا چولپاننىڭمۇ كىشىلەر ئىنتايىن ئاز بىلىدىغان بىر قانچە تەرەپلىرى بار.

1. ئۇنىڭ يېشى تا ھازىرغىچە بىر يېشىلمىگەن سىر.

ئەگەر سىز تور بېكەتلەردىن سىتاسامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى دەپ ئىزدىسڭىز، 1967-يىل 26-ئىيۇل تۇغۇلغان دېگەن ئۇچۇرنى كۆرىسىز. ئەمەلىيەتتە، بۇنىڭدا پەقەت ئاي، كۈنىلا توغرا بولۇپ، بىراق تۇغۇلغان يىلى خاتا. گەرچە بۇ گىگانت چولپان ئىلگىرى كۆپ قېتىم «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ 1967-يىلى ئەمەس بەلكى 1972-يىلى تۇغۇلغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، بىراق نېمىشىقىكىن، توردىكى ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار تا ھازىرغىچە ئۆزگەرتىلمىدى.

2. ياش ۋاقىتىدىكى ساختا بۇيۇم سېتىش كەچۈرمىشى بىلەن تۇنجى ئېكران رولىغا ئېرىشكەن.

سىتاسام ياش ۋاقىتلىرىدا دادىسىنى دوراپ ساختا ئەتىر ۋە ساختا زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى ھەمدە «يۈك ماشىنىسىدىن چۈشۈپ قالغان» نەرسىلەرنى سېتىپ يۈرگەن. ئەلۋەتتە، بۇ دۇرۇس كەسپ بولمىسىمۇ، بىراق دەل مۇشۇ كەچۈرمىشلەر تۈپەيلى ئۇ «ئىككى دەستە غاڭزا» (两杆大烟枪)دىكى ئالدامچىنىڭ رولىنى ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.

ئەينى ۋاقىتتا، رېژىسسور گاي رىتچې يېڭى ئادەمنى تېپىپ ئالدامچىنىڭ رولىنى ئېلىشنى ئويلىغان. سىناق داۋامىدا سىتاسام ئوڭۇشلۇق ھالدا ئۇنىڭغا ساختا زىبۇ-زىننەت بۇيۇمىنى سېتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا بۇ رولغا ئېرىشكەن. ھازىر ھەر قېتىم مۇشۇ ئىش تىلغا ئېلىنغاندا، ئۇ چاقچاق قىلغىنىچە: «ئەينى ۋاقىتتا مەن رول ئالمىدىم، پەقەت كونا كەسپىمنى قىلدىم خالاس» دەيدۇ.

3. ئۇ بىر پۇتبول ھەۋەسكارى ۋە شاھمات ماھىرى.

سىتاسام تاغىمىز ئېكران يۈزىدە خەقنىڭ ساغرىسىغا تېپىپلا قالماستىن يەنە تېخى پۇتبول تېپىشقا ۋە شاھمات ئويناشقا ئالاھىدە ئۇستا. ئۇ بەزىدە ئامېرىكىدىكى مەلۇم بىر پۇتبول كۇلۇبى ئۈچۈن پۇتبول تېپىدۇ. ئۇ ئەنگلىيە سابىق پۇتبول تەنھەرىكەتچىسى ۋىننىې جونېس بىلەن ئىنتايىن ياخشى دوستلاردىن بولۇپ، ئىككەيلەن بىرلىكتە كىنو ئىشلەپلا قالماستىن يەنە تېخى دائىم دېگۈدەك بىرلىكتە توپ تېپىدۇ.

بۇ «جىگەرلىك ئەزىمەت» چامباشچىلىققا ئۇستا بولۇپلا قالماستىن يەنە تېخى ئەقلىي قابىلىيتىنى ئۆستۈرىدىغان شاھمات ئويۇنىغىمۇ خېلىلا ئۇستا. ئۇ دائىم رېژىسسور گاي رىتچې بىلەن مۇسابىقىلىشىپ ئوينايدۇ. سىتاسامنىڭ «پو گەپلىرى»گە قارىغاندا، رىتچې ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ رەقىبى بولالمايدىغان بولۇپ، شاھمات ئويناپ ئۇتتۇرۇپ قويغان پۇلنىمۇ تا ھازىرغىچە قايتۇرمىغان.

بۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە MMA چېلىشىش ماھىرى ۋە كەسپىي ئەركىن مۇشىتلىشىش ماھىرى.

4. ئۇ يەنە تېخى ئاۋاز ئارتىسى.

سىتاسامنىڭ ئاۋازىنى پەرق ئېتىۋېلىش ئىنتايىن ئاسان. ئۇ ئىككى يۈرۈش ۋىدىيو ئويۇنى ۋە بىر يۈرۈش كارتون فىلىمىگە ئاۋاز بەرگەن. 2011-يىلدىكى كارتون فىلىم «جىنمېئو بىلەن جۇلىتا»دىكى ھەرىكەتلىك فىلىم چولپىنى تىيبالت ئىسىملىك بىر ئوبرازغا ئاۋاز بەرگەن. ئۇ يەنە ئايرىم-ئايرىم «Red Faction II» ئويۇنىدىكى ماشىنا مۇتەخەسىسىسى شىرېك بىلەن «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» (Call of Duty) ئويۇنىدىكى ئەنگلىيە ئەسكىرى ۋوتسون سېرژانتقا ئاۋاز بەرگەن.

5. ئۇ باشتىن ئاخىرى ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ئورۇنداش ماھارىتىدە چىڭ تۇرۇپ كەلگەن.

ئۇنىڭ كىنولىرى ئاجايىپ قالتىس ئورۇنداش ماھارىتى بىلەن كەسكىن دوئېل مەيدان كۆرۈنۈشلىرىگە تولغان بولۇپ، ئارىسىدىكى كۆپىنچە ئالاھىدە ماھارەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇ ئۆزى ئورۇندىغان. ئۇ دائىم ئالاھىدە ھەرىكەت ئۈنۈمىنى ئۆزى ئىشلىمىسە «تاماشىبنلارنى ئالدىغانلىق» بولىدۇ، دەيدۇ. مۇشتلىشىش، «ماشىنا ئۇچارتىش»، ئايروپىلاندىن سەكرەش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى بىر قوللۇق قىلىدۇ. ئۇ ھەتتا بىر قىسىم سىياقداش ئىشلەتكەن چولپانلارنىڭ قىلمىشىنى «ئادەمنىڭ يۈزىنى تۆككەنلىك»، «ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلمىغانلىق» دەپ ئەيىبلىگەن. (ئەممازە، سىتاسام ئاكا، جاھاندىكى ھەممىلا كىشى سىزگە ئوخشاش تۇغما تالانتلىق ئەمەستە، ھەي...)

6. نەچچە قېتىم شوپۇرلۇق ئىمتىھانى بېرىپ ئۆتەلمىگەن.

سىتاسام ئاكىمىزنىڭ كۆپلىگەن روللىرى ماشىنىدىن ئايرىلالمايدۇ. «ئالاھىدە ئادەم بېدىكى»دىن «سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسيات» يۈرۈشلۈكلىرىگىچە ھەممىسىدە شۇنداق. بىراق ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغىنى شۇكى، سىتاسام ئاكىمىزدەك ئەڭ تالانتلىق كىشى تا ھازىرغىچە شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئالالمىغان. ئۇ كىچىكىدىن باشلاپلا ماشىنا ھەيدەيدىغان بولۇپ، دادىسىغا ياردەملىشىپ ئۇزۇن سەپەرلەرگە چىقاتتى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ يېشى پىراۋا ئېلىشقا توشمايتتى. (ناھايىتى ئېنىقكى، ئۇ دادىسىغا ئەگىشىپ، ماشىنا ھەيدەشتىكى بىر قىسىم ناچار ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈۋالغاچقا، تا ھازىرغىچە ئىككى ئۈچ قېتىم ئىمتىھان بېرىپمۇ كىنىشكە ئالالمىغان گەپ.)

بىراق كېيىن ئارتىسلىق كەسپى ئۈچۈن، ئۇ F 1 مۇسابىقە ئاپتوموبىل ماھىرلىرىغا ئەگىشىپ ماشىنا ھەيدەشنى مەشىق قىلدى. 2003-يىلى «نەيرەڭۋازلىق قىلماق» (偷天换日) ناملىق كىنونى ئىشلەشتىن بۇرۇن، ئۇ مۇسابىقە ئاپتوموبىلى چېمپىيونى دامون خىلدىن بىر مەزگىل ماشىنا ھەيدەش ماھارەتلىرىنى ئۆگىنىپ، كىنودىكى ۋەزىيەتنى كونىترول قىلىشقا تېخىمۇ ياخشى ئاساس ياراتتى. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، ئۇنىڭ ماشىنا ھەيدەش تېخنىكىسىنى ئەڭ ياخشى دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە مۇشۇ كىنودا رول ئالغان ئايال چولپان چارلېز سېروننىڭ ماشىنا ھەيدەش تېخنىكىسىنى كۆرۈپ «ۋۇييۇ» دەپ قالغىنىمنىلا بىلىمەن ئىشقىلىپ...

7. ئىلگىرى مارۋېل دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمان كىنوسىدا رول ئېلىشنى ئارزۇ قىلغان.

بۇ يىللاردا ھەربىر كىشىنىڭ قەلبىدە ئالاھىدە دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمان چۈشى يوشۇرۇنغان. سىتاسام ئاكىمىزنىڭ ئىلگىرى مارۋىل شىركىتى بىلەن «daredevil»دا رول ئېلىش ئارزۇسى بارلىقىنى بىلەتتۇق، لېكىن نېمە سەۋەبتىنكىنتاڭ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ يەنىلا چېكىنىپ چىقتى. بىراق تارقىلىپ يۈرگەن گەپلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ بەلكىم ئۇنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمانلىق كىنولىرىنىڭ ھەددىدىن زىيادە كومپىيۇتېر ئالاھىدە ئۈنۈمى ۋە سىياقداشقا بېقىنىۋالغانلىقىنى تەنىقدلىگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك.

مارۋېل بىلەن «قەھرىمانلىق» سۆھبىتى بەربات بولغاندىن كېيىن، سىتاسام ئاكىمىز ئىلگىرى: «مومامنى چاقىرىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا چىغ قالپاق كىيىگۈزۈپ، كامېرا ئالدىدا تۇرغۇزساق، يەنە ئۇنىڭغا بىر قانچە سىياقداش تېپىپ بارلىق ھەرىكەتلىك كۆرۈنۈشلىرىنى سۈرەتكە ئالساقلا، موماممۇ ناھايىتى ئاسانلا دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمانغا ئايلىنالايدۇ» دېگەن. ئەلۋەتتە، ئاكىمىزنىڭ بۇ گېپى كېيىن بىر مەزگىل بىزنىڭ تاماقتىن كېيىن مۇنازىرە قىلىدىغان ئەڭ كىلاسسىك پاراڭلىرىمىزغا ئايلاندى.

«بەيجىياخاۋ تورى»

مەزكۈر مەزمۇنلارنى يادىكار38 كىنو توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.Yadikar38.com

  • قاراقاشلىق داڭلىق مودىل شەھرىزات مەمەتجان

  • ھىندىستان چولپانلىرىنىڭ ئەڭ قاملاشمىغان مۇراسىم كىيىملىرى

  • بوي ئىگىزلىكى 175 سانتىمېتىردىن تۆۋەن بولغان ئەر چولپانلار

  • تاماشا ساھەسىدىكى كۆپچىلىك ئېتىراپ قىلغان ھۆسىن تۈزەتمىگەن تەبئىي گۈزەللەر

  • مارلىن.مونرونىڭ سىرلىق ئۆلۈمى

  • ھىندىستان گۈزىلى ئاشۋارىيا راينىڭ ئەڭ يېڭى بەدئىي سۈرەتلىرى

  • دىلرابانىڭ ئەڭ يېڭى بەدئىي سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى

  • 30 ياشقا كىرمەي تۇرۇپ 100 مىليون دوللار تاپقان چولپانلار

يىڭى قۇشۇلغان خەۋەرلەر

بىكەت تەۋسىيەسى

      • قاراقاشلىق داڭلىق مودىل شەھرىزات مەمەتجان
      • يانداش رولغا تايىنىپلا نام چىقارغان چولپانلار
      • دىلرابانىڭ ئەڭ يېڭى بەدئىي سۈرەتلىرى ئاشكارىل ..
      • بوللىۋود تاماشا ساھەسىدىكى تەسىر كۈچى ئەڭ يۇق ..

      بېكەت ھەققىدە   ئالاقىلىشىڭ   ئېلان ـ ئالاقە   ھەمكارلىق   بىز كىم؟   بېكەت ئۇقتۇرۇشى

      بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : يادىكار38 سەنئەت تورى ىغا تەۋە، ئوخشىتىپ ياسىۋالماڭ، ئەمگىكىمىزنى قەدىرلەڭ !

      ئەسكەرتىش : توربىكىتىمىزدىكى بارلىق مەزمۇنلار ھەممىسى توردىن رەتلەنگەن ۋە تېپىلغان مەقسىدىمىز توربىكىتىمىزدە تورداشلرنىڭ مەنۋى كۆڭلىنى ئېچش ئەگەرسىز نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخىل قىلدى دىسىڭىز بىزبىلەن ئالاقىلشىڭ بىزدەرھال ئۆچۈرۈۋىتىمىز ، !

      بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان فىلىم- يازمىلارنى چەكلەيدۇ.

      پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆!

      ئالاقىلاشقۇچى : يادىكار ئالاقىلىشىش چ چ : 826042484 : ICP : <粤ICP备18099569号-1> qq

      . توپقا توربەتچىلەر كىرمەڭلار ئالاقە چ چ

      powered by yadikar38CMS 8.4 © 2015-2019 www.Yadikar38.com
X
ئەڭ يىڭى فىلىم چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ