Back to Top

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : يادىكار38 سەنئەت تورى / ساغلاملىق 保健

چۈشلۈك ئۇيقۇ قانداق بولغاندا ھەم ئۈنۈملۈك ھەم ساغلاملىققا پايدىلىق بولىدۇ؟
يوللانغان ۋاقتى:2018-09-21 02:10 مەنبەسى: تەڭرىتاغ تورى
يادىكار سالونى قۇشىۋىلىڭ

  چۈشلۈك ئۇيقۇ قانچىلىك بولغاندا مۇۋاپىق بولىدۇ ؟ قانداق ئۇخلىغاندا ئۆزىمىزنى روھلۇق ھېس قىلىمىز ؟

   ئۇيقۇ مۇتەخەسسىسى دامەندا ۋېنىر فىرانسىيەدە چىقىدىغان «مارىيە-كىلەيرى» گېزىتىدە چۈشلۈك ئۇيقۇنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشى ئۈچۈن بىر قانچە نۇقتىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  1. ساغلاملىققا پايدىلىق چۈشلۈك ئۇيقۇ ئۇنىڭ قانۇنىيەتلىك بولۇشىدا

  چۈشلۈك ئۇيقۇنىڭ مەقسىتى ئېنىق، ئۇ بولسىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك چۈشلۈك ئۇيقۇ بەدەننى «چوڭقۇر قاتلام»دىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك. تەتقىق قىلىنىشىچە، 5 كۈندىن 10 كۈنگىچە مەشىق قىلىپ بىر قانۇنىيەتكە كىرگەندىن كېيىن ئۇيقۇمۇ ئۆز «رېتىمى»گە كىرىدىكەن.

  2. ئەڭ مۇۋاپىق چۈشلۈك ئۇيقۇ مەزگىلى : 15~20 مىنۇت بولىدۇ

  ھەركۈنى چۈشتە 15~20 مىنۇت ئەتراپىدا ئۇخلىغاندا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدىكەن، كۈندە شۇنداق ئۇخلاشنى ئادەتلەندۈرگەندە ئاخىرىدا تەبىئىيلا شۇنچىلىك ۋاقىت ئۇخلاپ ئويغىنىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىكەن.

  3. تېز ئۇيقۇغا كىرىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ

  ئەڭ ياخشىسى كىشىنى زوقلاندۇرىدىغان رەسىمنى تاللاپ ئۇنىڭغا قاراپ ئۇخلىغاندا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

  4. ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ ئۇخلاشنى ئۆگىنىۋېلىڭ

    يېتىپ ئۇخلايدىغان شارائىت بولمىغاندا، مەيلى مېترو، كوچا ئاپتوبۇسى ياكى ئىشخانا بولسۇن، چوقۇم ئازراق ئۇخلايدىغان پۇرسەت يارىتىش كېرەك. ئىككى پۇتنى يەرگە تەگكۈزۈپ، ئۈستەلگە بېشىمىزنى قويۇپ بىردەم ئۇخلىۋالساق ئارام ئېلىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

    مەزكۈر مەزمۇنلارنى يادىكار38 كىنو توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.Yadikar38.com

    • ئىرىمچىك خولېستېرىننى ئۆرلەتمەيلا قالماي، يۈرەكنى ئاسرايدۇ

    • قورۇقتىن يىراق تۇراي دېسىڭىز...

    • قەنتنى ئاز يېگەندە...

    • بېسىم مېڭىنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىدۇ

    • قىزىلمۇچ ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ

    • ‹‹كومپيۇتېر مەستانىلىرى›› كۆزىنى قانداق ئاسرىشى كېرەك؟

    • بالا ئېمىتكەن ئاياللارنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى تۆۋەن بولىدۇ

    • پېشانە دائىم ئاغرىسا، ئاشقازاندا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكنىڭ بېشارىتى

    يىڭى قۇشۇلغان خەۋەرلەر

    بىكەت تەۋسىيەسى

        • قاراقاشلىق داڭلىق مودىل شەھرىزات مەمەتجان
        • يانداش رولغا تايىنىپلا نام چىقارغان چولپانلار
        • دىلرابانىڭ ئەڭ يېڭى بەدئىي سۈرەتلىرى ئاشكارىل ..
        • بوللىۋود تاماشا ساھەسىدىكى تەسىر كۈچى ئەڭ يۇق ..

        بېكەت ھەققىدە   ئالاقىلىشىڭ   ئېلان ـ ئالاقە   ھەمكارلىق   بىز كىم؟   بېكەت ئۇقتۇرۇشى

        بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : يادىكار38 سەنئەت تورى ىغا تەۋە، ئوخشىتىپ ياسىۋالماڭ، ئەمگىكىمىزنى قەدىرلەڭ !

        ئەسكەرتىش : توربىكىتىمىزدىكى بارلىق مەزمۇنلار ھەممىسى توردىن رەتلەنگەن ۋە تېپىلغان مەقسىدىمىز توربىكىتىمىزدە تورداشلرنىڭ مەنۋى كۆڭلىنى ئېچش ئەگەرسىز نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخىل قىلدى دىسىڭىز بىزبىلەن ئالاقىلشىڭ بىزدەرھال ئۆچۈرۈۋىتىمىز ، !

        بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان فىلىم- يازمىلارنى چەكلەيدۇ.

        ئالاقىلاشقۇچى : يادىكار ئالاقىلىشىش چ چ : 826042484 : ICP : <粤ICP备18099569号-1> qq

        . توپقا توربەتچىلەر كىرمەڭلار ئالاقە چ چ

        powered by yadikar38CMS 8.4 © 2015-2019 www.Yadikar38.com
    X
    ئەڭ يىڭى فىلىم چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ